مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    جياڭسۇ بىلەن ئىلىدىكى 22 جۈپ ئوقۇغۇچى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى

    مەۋلۇدە2017-08-01 10:18:18تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: تۇنجى نۆۋەتلىك جىياڭسۇ-ئىلى ئاياللار-بالىلار پائالىيەت مەركەزلىرى قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، تەجرىبە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش يازلىق لاگىر پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نەنجىڭ شەھىرىدىكى 22 ئوقۇغۇچى 25-ئىيۇل غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى 22 ئوقۇغۇچى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئۇلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت ئىلى ئوبلاستىغا ساياھەت ۋە نەنجىڭغا ساياھەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، نەنجىڭدىن كەلگەن 22 ئوقۇغۇچى ئىلى ئوبلاستىدا قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى، سايرام كۆلى، نارات يايلىقى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىدىكەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى 22 ئوقۇغۇچى نەنجىڭ شەھىرىگە بارىدىكەن.

     ئىلى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس پەرىدە ئابىلبېك مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىلىرى دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرى ئوبلاستىمىزغا ئاياللار-بالىلار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، جياڭسۇ بىلەن ئىلى ئوبلاستى تۈرلۈك ئالاقە، ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇردى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شەكىللەر ئارقىلىق ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.