مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    توقسۇ ناھىيەسىدىكى سەھرا ئارامگاھلىرى نامرات دېھقانلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى ياخشى سۇپىغا ئايلاندى

    مەۋلۇدە2017-07-31 11:51:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سىدىق مىجىت، قەمبەرنىسا قۇربان خەۋىرى: توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «بىر يېزىدا بىر ئۆزگىچە مەنزىرە نۇقتىسى بولۇش، بىر كەنتتە بىر يېڭىلىق، بىر ماركا بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر ئالاھىدىلىك بولۇش» يېڭى تەپەككۇر يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزا-قىشلاقلارنىڭ ساياھەتچىلىك داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، تەبىئىي ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سەھرا ئارامگاھلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

     ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن ھازىرغىچە توقسۇ ناھىيەسىدە 40 سەھرا ئارامگاھى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئارامگاھلار مەنزىرىسىنىڭ خاسلىقى، تەبىئىي يېمەك-ئىچمەكلىرى، ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان توقسۇ ناھىيەسىدىكى سەھرا ئارامگاھلىرى 11مىڭ 980 ئادەم/ قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 215 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئارامگاھلار توقسۇ ناھىيەسىدىكى نامرات دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى كۆڭۈلدىكىدە ياخشى سۇپىغا ئايلانغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.