مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    سودا بانكىلىرى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ بىر قىسىم مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-27 17:19:45شىنجاڭ گېزىتى

    مۇھەممەد تۇراپ

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا ‹‹سودا بانكىلىرىدا قىسمەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھەق ئېلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، 2017 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئېلىمىزدىكى سودا بانكىلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەقلەرنى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدى.

     ‹‹ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، سودا بانكىلىرىنىڭ ئابۇنىچىلىرى مەزكۇر بانكىنىڭ باشقا جايدىكى كۆزنەكلىرىدىن (ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەق پۇل ئالسا، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ (ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ خاس چەك، پېرېۋوت چېكىنىڭ رەسمىيەت ھەققى، خاس چەك ۋە پېرېۋوت چېكىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، خاس چەك ۋە پېرېۋوت چېكىنىڭ تەننەرخ ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ھەقنى ئېلىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ؛ سودا بانكىلىرى ئابۇنىچىلارنىڭ مەزكۇر بانكىدا ئاچقان بىرلا ھېساباتىدىن ئېلىنىدىغان باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەق ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم قىلىدۇ. بۇ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› سودا بانكىلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېگرا ئىچى خەلق پۇلى كەسپىگە تەتبىقلىنىدۇ.

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سودا بانكىلىرى ھەر يىلى ئابۇنىچىلاردىن ئالىدىغان رەسمىيەت ھەققى 6 مىليارد 105 مىليون يۈەن كېمىيىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.