مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت›› بىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟

    مەۋلۇدە2017-07-27 17:17:38شىنجاڭ گېزىتى

    ئەكبەر ئىسمائىل

     كىشىلەر ئارىسىدا بىر – ئىككى يىلدىن بۇيان يان تېلېفون ئارقىلىق چىقىم قىلىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى، بۇنىڭ بىلەن چوڭلارنىڭ ‹‹ياشلارنىڭ يانچۇقىدا نەق پۇل تۇرمايدۇ›› دەيدىغان چاقچىقى راستتىنلا رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى. شەخسەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ بازار ئايلانغاندا، غىزالانغىلى بارغاندا ياكى ئوينىغىلى چىققاندا نەق پۇلنىڭ غېمىنى قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇنداق ھېسسىيات بەلكىم كۆپىنچە كىشىگە ئورتاق بولسا كېرەك. نەچچە كۈندىن بېرى ئىدارىنىڭ يېنىدىكى تاللا بازاردىن نەق پۇل خەجلىمەي مال سېتىۋېلىۋاتىمەن، تۇرۇپلا ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت›› بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقتۇ؟ دېگەننى ئويلاپ قالدىم.

     شاڭخەي شەھىرىگە ‹‹كۈيۈ ئوغۇل›› بولغان گېرمانىيەلىك توماس دىركسىننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا خەت يېزىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمە چىقىم ۋە ‹‹نەق پۇلسىز مۇلازىمەت››نى گېرمانىيەدە ئومۇملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تور تاراتقۇلىرىدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇ خېتىدە: ‹‹جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن كۆچمە چىقىم دەۋرىنىڭ يىراق كەلگۈسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەن›› دەپ يازغان، ئۇنىڭ خېتىدە ئېيتىشىچە، بۇنداق تونۇشقا كېلىشى ۋە ئۈمىدتە بولۇشىغا ئېلىمىزدە ھېس قىلغانلىرى سەۋەب بوپتۇ.

     ئېلىمىزدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆچمە چىقىم شەكلى تېز ئومۇملىشىپ، ياشلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە قوللايدىغان چىقىم قىلىش شەكلىگە ئايلاندى، ھازىر مەيلى ئاشخانا، كىنوخانا، تاللا بازار، سودا ساراي ۋە ياكى ساياھەت ئورۇنلىرىدا، ھەتتا تاكسىغا ئولتۇرغاندا بولسۇن، ياشلارنىڭ يان تېلېفوننى كۆتۈرۈۋېلىپ، چىقىمدان، ئۈندىدار ۋەياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق ھېسابات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە سودىگەرلەر ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىمۇ بۇنداق ھېسابات قىلىش شەكلىنى تېز قوبۇل قىلىپ، كۆچمە چىقىم شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

     گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرى بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹ئەلى بابا›› تور تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى ‹‹چۈمۈلە›› پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئېلىمىزدىكى خاڭجۇ، ۋۇخەن، فۇجۇ، تيەنجىن شەھەرلىرىدىن كېيىنكى بەشىنچى ‹‹نەق پۇلسىز شەھەر››گە ئايلاندى. خاڭجۇ شەھىرى ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى تۇرۇشلۇق شەھەر، شۇنداقلا ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت››نى ئەمەلگە ئاشۇرغان شەھەر. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خاڭجۇ شەھىرىدە %95 تىن كۆپرەك تاللا بازار، قولايلىق دۇكاندا چىقىمدان ئارقىلىق %98تىن كۆپرەك تاكسىدا كۆچمە چىقىم شەكلى ئارقىلىق ھېسابات قىلغىلى بولىدىكەن.

     ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى بۇ يىل 2 – ئايدا بەش يىل ئىچىدە ئېلىمىزدە دۇنيا بويىچە تۇنجى ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت›› بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، 4 – ئايدا ‹‹نەق پۇل ئىشلەتمەيدىغان كارخانا – ئاپپاراتلار ئىتتىپاقى›› خاڭجۇدا قۇرۇلۇپ، ب د ت مۇھىت مەھكىمىسى، ‹‹چۈمۈلە›› گۇرۇھى كېڭەش ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، كاررىفور، پايتەخت ئايروپورتى، ‹‹ofo ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتى›› قاتارلىق كارخانا، ئاپپاراتلار ئۇنىڭغا ئەزا بولدى، ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت›› بەرپا قىلىش ۋە ‹‹تۆۋەن كاربونلۇق تىجارەت››نى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئىتتىپاق كېيىنكى بىر – ئىككى ئايدا تېز كېڭەيدى. ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئالىپاي شىركىتى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شىركەت بىلوگىدا 8 – ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى (8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە)دە، ئېلىمىزدىكى شەھەرلەر ۋە ‹‹نەق پۇل ئىشلەتمەيدىغان كارخانا – ئاپپاراتلار ئىتتىپاقى›› بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەملىكەت دائىرىسىدە ‹‹نەق پۇلسىز ھەپتە›› پائالىيىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     كۆچمە چىقىمنى ئاساس قىلغان ‹‹نەق پۇلسىز شەھەر›› بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئېلىمىز دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ‹‹چۈمۈلە›› گۇرۇھى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە 357 شەھەر (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالىپاينىڭ ‹‹شەھەر مۇلازىمىتى›› سۇپىسىغا ئەزا بولغان ۋە ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى، مەمۇرىي ئىش بېجىرىش، داۋالاش مۇلازىمىتى، قاتناش – يول يۈرۈش، تۇرمۇش ھەقلىرىنى تۆلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك 380 خىل مۇلازىمەتتە ‹‹نەق پۇلسىز مۇلازىمەت››نى يولغا قويۇپ، 150 مىليون ئابۇنىچىنى قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلغان.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹تېڭشۈن›› كومپيۇتېر سىستېمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈندىدار ھەق تۆلەش سۇپىسىنى ئاساس قىلغان ‹‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش پىلانى››غا ئەزا بولغان تىجارەت ئورنىمۇ 1 مىليوندىن ئاشتى، بۇ 30 نەچچە ساھەگە چېتىلىدۇ، كىشىلەر كېسەل كۆرسەتكەندە، مال سېتىۋالغاندا، غىزالانغاندا، ساياھەتكە چىققاندا ۋە سۇ، توك ھەققىنى تۆلىگەندە، ئۈندىدار ئارقىلىق ھېسابات قىلالايدۇ.

     ئېلىمىزنىڭ ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت›› بەرپا قىلىش يولى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭكىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ، تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كۆزدە تۇتۇلىدىغان ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت››تە ئاساسلىقى كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما ئېلىمىزدىكى ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت››نى تەشەببۇس قىلىدىغانلار يان تېلېفون ئارقىلىق چىقىم قىلىشنى ئاساس قىلغان كۆچمە چىقىم شەكلىنى قوللايدۇ، ئېلىمىزدە كىشىلەر ئاللىقاچان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ‹‹نەق پۇلسىز›› چىقىم قىلىشقا كۆنۈپ كەتتى.

     بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىپەك يولى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى 20 دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدىكى يېڭىلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى ‹‹يېڭى تۆت چوڭ كەشپىيات››نى باھالىغان، نەتىجىدە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كۆپىنچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى كۆچمە چىقىم شەكلىنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزغان، قالغان ئۈچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ‹‹ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت›› ۋە تور سودىسى بولغان. يۇقىرىقى پاكىتلار ۋە يۈزلىنىشلەردىن ‹‹نەق پۇلسىز جەمئىيەت››نىڭ دەۋرنىڭ مۇقەررەر تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بىزدىن ئۇنچە يىراق ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.