مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئارىشاڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    مەۋلۇدە2017-07-26 12:27:11تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     △ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئارىشاڭ ناھىيەسىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش خىزمىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، تېز تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 643 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103.3 ئاشقان ئاساستا، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %51.37 ى ئورۇنلاندى.

     △ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئارىشاڭ ناھىيەسىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى بازارلىرى ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىدى. نەتىجىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ناھىيە بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 121 مىليون 973 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشتى.

     △ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئارىشاڭ ناھىيەسى بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 392 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم)غا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 142 مىليون 635 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %12.9 ۋە %15.2 ئاشتى.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.