مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتى 578 مىليون يۈەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى

    ئامانگۈل2017-07-26 11:37:38شىنجاڭ گېزىتى

      ئۆمەر ئوسماننىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە مەركەزنىڭ 2017 – يىللىق خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 578 مىليون 130 مىڭ يۈەن چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

     بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 237 يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشىغا 412 مىليون 880 مىڭ يۈەن، ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 216 دېھقانلار مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا 112 مىليون 320 مىڭ يۈەن، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 328 چارۋىچىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 9 مىليون 840 مىڭ يۈەن، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيەسىدىكى 407 يۈرۈش يېزا كادىرلىرى ياتىقى قۇرۇلۇشىغا 28 مىليون 490 مىڭ يۈەن، ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئون مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا 9 مىليون 600 مىڭ يۈەن، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سىياسىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا 5 مىليون يۈەن ئىشلىتىلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.