مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    مەركەز ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى

    ئامانگۈل2017-07-25 12:13:52شىنجاڭ گېزىتى

      ئابلىمىت ئابلىزنىڭ قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، مەركەز يېقىندا دۆلەتنىڭ 2017 – يىللىق خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 78 مىليون 440 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ياردەم بەرگەن.

     ئۇقۇشىمچە، ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 13 مىليون 240 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغان. بۇ مەبلەغ ئېۋىرغول رايونلۇق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزى، مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مەركىزى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەسى تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلار بۇ يىل پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تارانچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىناسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 32 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 32 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.