مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنىڭ سودا سوممىسى 170 مىليون يۈەنگە يەتتى

    ئامانگۈل2017-07-24 11:50:39شىنجاڭ گېزىتى

     خاسىيەت جۈمەنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، چېڭدۇ باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىدىن ئىچكى ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن گېرمانىيەنىڭ بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىغا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى سودا سوممىسى 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئون نەچچە ھەسسە ئاشقان.

     مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى شىنجاڭ قەشقەر ‹‹چىلۇ›› توقۇمىچىلىق كىيىم – كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ شىركەتنى قۇرۇش تۈرى شەندۇڭ ‹‹رۇيى›› گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى ئىكەن. بۇ قېتىم 96 ئاپتوماتىك يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى، 16 توم، يىرىك يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى ۋە بىر يۈرۈش تىرانسپورت ئەسلىھەسى ئىمپورت قىلىنىدىكەن. بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىغا ئېلىپ كىرىش پىلانلانغان، تۇنجى تۈركۈمدە 41 يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

     شەندۇڭ ‹‹رۇيى›› گۇرۇھى قەشقەر تۈرىنىڭ ئۈسكۈنە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ۋاڭ باۋشۆ مۇنداق دېدى: باش شىركەت قەشقەر يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇغا ناھىيەلىرىدە تۆت شۆبە شىركەت قۇردى، ئالتە توقۇمىچىلىق سېخى بار، 396 ئاپتوماتىك يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى ئىمپورت قىلىش پىلانلاندى. بۇ يىل 6 – ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ 200گە يېقىن ئاپتوماتىك يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىغا ئېلىپ كېلىندى. باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىدا كارخانىلار ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، باجنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروتى بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ ھەم تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەرۋاقىت ئۈسكۈنىلەرنى رايون سىرتىغا يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكىمۇ قولايلىق.

     قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى، شىنجاڭدىكى ئىككىنچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون بولۇپ قالدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاموژنىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 22گە يەتتى.

     قەشقەر تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون كەسپىگە مەسئۇل شاڭ شياۋۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى كەلگۈسىدە كۆرگەزمە قىلىپ باجسىز سېتىش، ئۆتەڭ سودىسى، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، ماتېرىيال پىششىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كەسىپ تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. قەشقەر تاموژنىسى قولايلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.