مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ «مەن ئولىمپىك مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى باشلاندى

    زۆھرە تۇرسۇن2017-07-17 18:44:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: 16-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ «مەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى باشلاندى.

        30 مېتىرغا يۈگۈرەش، يىراققا سەكرەش، خادىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش، توپنى دەل تېپىش، بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك سىناقتا 150 ماھىرنىڭ بەدەن سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇلغان.ئىپادىسى ياخشى بولغانلار تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بىلەن بىۋاستە توختاملىشىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن «مەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2017-يىلى ئىيۇندىن ئىيۇلغىچە ھەۋەسكارلار بۇ مۇسابىقىگە تىزىملاتسا بولىدىكەن. مۇسابىقىگە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ماھىرلىرى، ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ماھىرلىرى شۇنداقلا باشقا ئەل ئىچى كۇلۇبلارنىڭ ماھىرلىرى، پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە ئىشتىن سىرىتقى ياشلار پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ يېشى ماس كەلگەن ماھىرلىرى ۋە كوماندىلار قاتناشسا بولىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپلىگەن شىنجاڭلىق پۇتبول تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن 5-ئىيۇل تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبلىرى «مەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تاللاش مۇسابىقىسىنى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنى باشلىغانىدى. 16 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان كەسپىي پۇتبول ماھىرلىرى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بۇنىڭغا تىزىملاتتى. بۇنىڭدىن باشقا مۇسابىقىدە ئالاھىدە تالانتى بار ماھىرلارغا ياش جەھەتتە ئېتىبار بېرىلدى. 15-ئىيۇلغىچە جەمئىي 200 دىن ئارتۇق تىزىملاش جەدۋىلى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلاردىن 150 كىشى تاللاندى.

        ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ «مەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى 17-ئىيۇلنىڭ ئالدى كەينىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. تاللانغان ماھىرلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى قاتناش، ياتاق، تاماق خىراجىتىنى كۇلۇب ئۈستىگە ئالىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.