مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەييار مېيى تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە سېتىلدى

    مەۋلۇدە2017-07-17 15:22:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋىرى: 13-ئىيۇل جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى تارىم نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2120 توننا يېنىك دىزېلى تۇنجى قېتىم تاشقى موڭغۇلىيەگە سېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەييار مېيى تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

     تارىم نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەييار ماي بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىنبىر كارخانا. بۇ كارخانا تارىم دەريا نېفىتلىكىدىكى ئېغىر نېفىتنى خام ئەشيا قىلىدۇ، يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 5 مىليون توننىغا يېتىدۇ، مەھسۇلاتلىرىدىن ئاۋىياتسىيە كىرسىنىدىن تارتىپ دۆلەت 5-دەرىجىلىك ئۆلچەمدىكى بېنزىن، دىزېلغىچە بولۇپ، شىنجاڭدىكى بازار ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.