مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-17 11:37:57شىنجاڭ گېزىتى

     رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا – خىمىيە تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى سىستېمىسى تورى يېقىندا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى نۇسخىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالى سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ سىستېما ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان ئىكەن. بۇ سىستېما يەنە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى ۋە ئىسىم تەرتىپىگە قاراپ، ‹‹ئورۇن تەرتىپىنى بېكىتىش››نى ئاساس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شۇ ئوقۇغۇچىغا ھەر قايسى دەرىجىدىكى توققۇز تەڭ دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلايدىكەن ھەم ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزى ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.