مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    ساياھەتچىلىكتىن بېيىغان چارۋىچىلار

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:27:56شىنجاڭ گېزىتى

     پولات نىياز خەۋەر قىلىدۇ: چەرچەن ناھىيە بازىرىغا 85 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇراملىق يېزىسىنىڭ قۇراملىق كەنتى ناھىيە بازىرىغا ئەڭ يېقىن چارۋىچىلىق كەنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ بولغاچقا، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغانىدى. ساياھەتچىلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرە، ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلانغاچ، تەملىك، يېشىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قۇراملىق يېزىسى چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ، ئەمەت توختى ئىسىملىك چارۋىچىنى باش قىلىپ، 51 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ‹‹قاراقۇرۇم چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى››نى ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. 1.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ساياھەت يولىنى كېڭەيتىپ ياساپ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلىدى. چارۋىچىلارنىڭ بېيىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئەمەت توختىدەك ئاكتىپ چارۋىچىلارنى ئالدىن ھەرىكەتلەندۈردى. نەتىجىدە ئىلگىرى چارۋىچىلىققىلا تايىنىپ ئازغىنە كىرىم قىلىدىغان چارۋىچىلار مەھەللىدىن چىقمايمۇ مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى. بۇلتۇر بىر يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بۇ كەنتتىكى بەزى چارۋىچىلار ساياھەتچىلىكتىنلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. يېزا يېقىندا يەنە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹قاراقۇرۇم چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى››نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى، راۋاق، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى سېلىش، ئارامگاھ يولىنىڭ ئىككى ياقىسىغا سورتلۇق ئۆرۈك تىكىپ ئارامگاھنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، كەنتنى چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىردىنبىر ياخشى ساياھەت كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.