مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىجادچانلىق ــ تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

    ئامانگۈل2017-07-14 17:32:02شىنجاڭ گېزىتى

     ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بولمىسا، سانائەت ئاساسىمىز ۋە رىقابەت كۈچىمىز مەڭگۈ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلغىلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولىمىزغا ئالغىلى بولمايدۇ. ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كارخانىلار يېتىشىپ چىققاندىلا، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا پايدىلىق مۇھىت شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت كۈچى مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئىزچىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىسا، ئاخىرقى ھېسابتا كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

     بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 12 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەنىدى: يادرولۇق تېخنىكا ئۆز قولىمىزدا بولغاندىلا، رىقابەت ۋە تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولالايمىز، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە باشقا جەھەتتىكى بىخەتەرلىكى تۈپتىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

     بۇ بىر قانچە يىل مابەينىدە ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزەكلەر ئىشلىتىلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى، كارخانىلار تېخنىكا تەتقىقاتىدا 5G دەۋرىگە قەدەم قويدى، دۇنيادىكى تۇنجى كىۋانت كومپيۇتېرى جۇڭگودا بارلىققا كەلدى، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئەقلىي يان تېلېفون قاتارلىق مەھسۇلاتلار چەت ئەللەردە قىزغىن ئالقىشلاندى، دۇنيا ئەھلى ئېلىمىزنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قاراشقا باشلىدى.

     ھالقىلىق تېخنىكىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت بۇ چىڭ قائىدە ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، كۆپلىگەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. ئەمما بىز سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بايلىققا تايىنىشنى ئاساس قىلغان يىرىك تەرەققىيات ئۇزاققا بارمايدۇ. ئېلىمىزدە ھەر 10 مىڭ يۈەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيە دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، نۇرغۇن كەسىپ يەر شارى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ھالقىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەر تېخىچە تەقلىد قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بولمىسا، سانائەت ئاساسىمىز ۋە رىقابەت كۈچىمىز مەڭگۈ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلغىلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولىمىزغا ئالغىلى بولمايدۇ.

     ھازىر دۇنيا مىقياسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىسلاھاتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بازارلىشىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت بارغانسېرى قىسقىراۋاتىدۇ، چەك – چېگرا بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش كۈنسايىن كۈچىيىۋاتىدۇ. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، سانائەت ۋە ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتتى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، بىر قىسىم مۇھىم ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، بىر قىسىم ساھەلەردە باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن تەرەققىي قىلىپ، باشقىلار بىلەن تەڭ ماڭالايدىغان، ھەتتا باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. دۆلەت ئىچىدە ئىستېمال دولقۇنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە خاسلىققا ئىگە ئىستېمالنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى زور بوشلۇق ۋە مىسلىسىز مەدەتكە ئىگە قىلدى. ئەسلىي ئىجادىيەت ئېلىمىزنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشى، پەن – تېخنىكا رىقابىتىنىڭ يېڭى قائىدىسىنى تۈزگۈچىگە ۋە بۇ ساھەدىكى باشلامچىغا ئايلىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالدى.

     ئىسلاھات ئارقىلىق ئەسلىي ئىجادىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشتا، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن – تېخنىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە قېزىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئورۇن بولغان پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار ئېھتىياجى بىلەن پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي بايلىقنى يول ئېچىش خاراكتېرىنى ۋە ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرىنى ئالغان پەن تەتقىقاتقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەلۋەتتە ئىلىم – پەن بىلەن تېخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. تېخنىكا پاتېنتىنىڭ ئۈنۈمىنى ناھايىتى تېزلا كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاساسى بولغان ئىلىم – پەن تەتقىقاتى بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن سەۋرچانلىقنى، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ۋەزىپىسى، تەتقىقات ساھەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش، ھەرگىزمۇ نەتىجىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە سەل قارايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك.

     جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، باشقىلارنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. پەن – تېخنىكا جەھەتتە باشقىلارغا بېقىنىپ قېلىش ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانلىق. شۇڭا ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت كۈچىنى ئىزچىل ساقلاش، كەلگۈسى تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

     ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

     نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.