مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

    ئامانگۈل2017-07-14 17:30:44شىنجاڭ گېزىتى

    لياڭ رۈي

     سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى 6 – ئايدا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق سۇغۇرتا تۆلىمىنى باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنى ئۈچ ئايلىق مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. سۇغۇرتا تۆلىمى ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ تىجارەت ئاساسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئېلىمىزدە دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسى 2004 – يىلى تۇنجى قېتىم نۇقتىدا سىناق قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئون يىلدىن كۆپرەك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۆلىمى كىچىكلىكتىن زورايدى، تۈرلىرى كۆپ خىللىققا يۈزلىنىپ، قاپلىنىش دائىرىسى تارلىقتىن كېڭەيدى، ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇلتۇر دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا كىرىمى 41 مىليارد 771 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.42 ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ خاتىرجەم دېھقانچىلىق قىلىشىغا ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى›› بولدى. دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ تىرەك بولۇشى بىلەن ئاشلىق، پاختا، ياغ قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ھالبۇكى، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىدا مەھسۇلات بىر خىل، قوللىنىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىقتەك يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا.

     دېھقانلار نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، ئۇلار دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتسىمۇ، ئەمما سۇغۇرتا تۆلىمى ئازراق. مەسىلەن: بىر مو شال تېرىش ئۈچۈن 800 يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدۇ، ئەمما تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا سۇغۇرتا شىركىتى كەتكەن مەبلەغنىڭ يېرىمىنىمۇ تۆلەپ بېرەلمەيدۇ. سۇغۇرتا تۈرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزى ئالاھىدە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سۇغۇرتا دائىرىسىدە بولمىغاچقا، دېھقانلارنىڭ سالغان مەبلىغى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىلىتىش، زىياننى بېكىتىش، تۆلەم تۆلەش رەسمىيىتى مۇرەككەپ.

     سۇغۇرتا شىركىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىياسەت خاراكتېرلىك دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەققى تۆۋەن، سۇغۇرتا كىرىمى ئاز، تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى، تۆلەم سوممىسى كۆپ، تولۇقلىما سىياسەت ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بەزى سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ تۆلەم نىسبىتى% 100تىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار كەسپىي ئىختىساسلىقلار كەمچىل.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز مالىيەسى دېھقانلار بىلەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاكتىپچانلىقنى قوزغاش ئۈچۈن، نۇرغۇن تولۇقلىما پۇل ئاجراتتى. بىراق دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كۆلىمى كەڭ بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بەزىلەر ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش قەستىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانچىلىق سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشتا ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇش، ھۆددىگە ئېلىش ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش مۇۋاپىق بولماسلىق، دېھقانچىلىق سۇغۇرتا ئىسپاتىنى دېھقانلارغا تارقىتىپ بەرمەسلىك، زىياننى تەكشۈرۈش ۋاقتىدا بولماسلىق، زىيان ئەھۋالىغا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىلمەسلىك مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ، تۆلەم بېرىدىغان ۋاقىتتا ‹‹ئېتىبار تۈزۈمى››نى يولغا قويۇپ، كېلىشىملىك تۆلەم، ئوتتۇرىچە تۆلەم قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، بەزى رايونلاردا دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنى نامدا بار، ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

     نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. يادرولۇق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئىنكاس بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان، ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا پەرق بىر قەدەر چوڭ بولغان رايونلار بىلەن دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنى تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق بازار مۇھىتىنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     تەكشۈرۈش ۋاقىتلىق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھۆججەت چىقىرىپ قەرەللىك ئاشكارا تەكشۈرگەندىن باشقا، نەق مەيدانغا بېرىپ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈشتىن كېيىن، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك ھەم دائىملىق مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك بايقاپ، تەرتىپكە سېلىپ، خۇلاسىلەپ، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە ئاپپاراتلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش قوشۇنىنى كۈچەيتكەندە، دېھقانچىلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت خەلققە پايدىلىق بۇ كەسىپنى دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتۈرگىلى، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىمۇ قايتىدىن جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    ئابلەت بارات تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.