مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    كۈنەس ناھىيەسىنىڭ سانائەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 540 مىليون يۈەنگە يەتتى

    ئامانگۈل2017-07-14 17:28:31شىنجاڭ گېزىتى

      ئەخەت ئېلاخۇن خەۋەر قىلىدۇ: كۈنەس ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تېز ئېشىپ، سانائەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 540 مىليون يۈەنگە يەتتى.

     شىنجاڭ ‹‹تيەنخې›› ئېنېرگىيە مەنبەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2016 – يىلى بۇ ناھىيەگە ماكانلاشقاندىن بۇيان ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. شىركەت مەسئۇلى ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كارخانىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 202 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 445 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دەسلەپكى ‹‹ئوق››نى جايىغا ئاتتۇق.

     بۇ ناھىيە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، يېڭى كەسىپلەرنى كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، قوللاش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ناھىيەلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىكى شيې خۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق سانائەت تۈرى ئونغا يەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سانائەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 540 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

     ئۇقۇشىمچە، ناھىيەدىكى يېزا ۋە يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليارد 674 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 248 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.8 ئاشقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.