مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

    پەرغانە غوپۇر2017-07-14 16:31:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمى «تەرتىپ»، «ئىناقلىق ۋە تەرەققىيات»، «تەنھەرىكەت ۋە ساغلاملىق»، «يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئارزۇ»، «خاتىمە» دىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، باراۋەر ئىلگىرىلەيدىغان روھى قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.