مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى كارخانىلار تاشتۆپە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

    ئامانگۈل2017-07-14 11:00:33شىنجاڭ گېزىتى

     دىلنۇر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە توققۇزتارا ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى كارخانىلار تاشتۆپە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

     خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشنى نىشان قىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىدىن پايدىلىنىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ‹‹جىنلىڭ›› مەدەنىيەت مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاشتۆپە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە 50 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ‹‹جىنلىڭ›› مەدەنىيەت مۈلۈك ھوقۇق سودا مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى لۇ يىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقى بىلەن ئايرىلماس دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز بار. كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز.

     تاشتۆپە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى نيۇ چاڭلىن مۇنداق دېدى: بىز بۇ پۇللارنى مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى ۋە مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.