مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    پۇرسەت دەۋر بىلەن قەدەمداش مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەنسۇپ

    ئامانگۈل2017-07-12 16:14:31شىنجاڭ ئىقتىسادگېزىتى

        ئۆز مۇخبىرىمىز قەيسەر ساۋۇت

        دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن خەلقئارا بازاردا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشتى، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىدى، نېفىت باھاسى ئۆستى؛ ئېلىمىزدە جەمئىي 22 شەھەردە ئۆي سېتىۋېلىشقا ئائىت تۈرلۈك چەكلەش سىياسەتلىرى چىقىرىلدى، پاي چېكى بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىسىز ئامىللار ئىچىدىن پايدىلىق ئامىللارنى ئىزدىدى.

        مەبلەغ سېلىشنىڭ يوشۇرۇن پۇرسىتى ئاز ئەمەس

        دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى تۆۋەنلەپ، ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.

        1 ـ ئۆكتەبىردىن باشلاپ خەلق پۇلى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى دائىرىسى (SDR) گە رەسمىي كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈش ـ چۈشۈشىگە ئارىلىشىشنى توختاتتى. 14 ـ ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:00 دە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىباشلاش نىسبىتى 6.7269 يۈەنگە چۈشتى. خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى يەنە داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

        خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى بىزگە مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىماڭ. ئەگەر بۇلتۇر سېنتەبىردە سىز 3 مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىشلەتمەي ساقلاپ قويغان بولسىڭىز، بىر يىلدا 250 مىڭ يۈەن پايدا ئالاتتىڭىز.

        خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسىيا زايومى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. ئاسىيا زايومى نېمىشىقا شۇنچە قارشى ئېلىنىدۇ؟ چۈنكى ئاسىيا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ كاساتلىشىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى خېيىم ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللىشىغا ئايلىنىدۇ ـ دە، مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۇقىرى مەنپەئەت ئاتا قىلىدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بانكا ئامانەت پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ پۇلىغا ئايرىباشلىنىش نىسبىتى ئۆسىدۇ، ئاسىيا زايومىغا مەبلەغ سالغاندا، ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى ئاتا قىلغان پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر ئاسىيادىكى ئاساسلىق زايوم تارقاتقۇچى ئەللەر ئىچىدە جۇڭگونىڭ 10 يىللىق قەرەللىك زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %2.8، ئەمما ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق ئەللەرنىڭ 10 يىللىق قەرەللىك زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئوتتۇرىچە %6 تىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، ئاسىيا زايومىغا مەبلەغ سالغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بانكا ئامانەت پۇلى ئۆسۈم نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا مەبلەغ سالغۇچىلار ئاسىيا زايومىغا مەبلەغ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

        ئۆي ـ زېمىنغا مەبلەغ سېلىش يېتەرلىك بولدى

        ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئۆي ـ زېمىنغا مەبلەغ سېلىشى ئۇدا 20 يىل ئۆكسىمىدى، ئەمدى ئۆي ـ زېمىنغا مەبلەغ سېلىشتا سەگەك بولىدىغان چاغ كەلدى.

        13 ـ ئۆكتەبىرگە قەدەر ئېلىمىزدە جەمئىي 22 شەھەردە ئۆي ـ زېمىن سېتىۋېلىشتا دەسلەپكى قەدەمدە تاپشۇرىدىغان سومما ئۆستۈرۈلدى، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋېلىشتا دەسلەپكى قەدەمدە تاپشۇرىدىغان سومما ئومۇمىي سوممىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇنداق بولغاندا، ئۆز يېنىدىن ئازراق پۇل تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش تەسلەشتى. دېمىسىمۇ، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرى تار بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر پاي چېكىغا مەبلەغ سېلىشقا قارىغاندا، ئۆي ـ زېمىنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپ ـ خەتىرى تۆۋەن، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئېلىمىز ئۆي ـ زېمىن باھاسىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، مەبلەغنىڭ ئۆي ـ زېمىن بازىرىدىن پاي چېكى بازىرىغا ئېقىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىز پۇقرالىرى ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ ئاران %3 ىنىلا پاي چېكى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان، ئەمما ئامېرىكا، ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن رايونى، گېرمانىيە، ياپونىيەدە پۇقرالار ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %32، %18، %10، %6 ىنى پاي چېكى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان؛ ئېلىمىز پۇقرالىرى ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %65 ىنى ئۆي ـ زېمىن سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن رايونى، گېرمانىيە، ياپونىيەدە پۇقرالار ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %30، %23، %56، %38 ىنى ئۆي زېمىن سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئۆي ـ زېمىن باھاسىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش پۇقرالارنىڭ مەبلەغ يوللىرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. مەبلەغ قاچاندىن باشلاپ ئۆي ـ زېمىن بازىرىدىن پاي چېكى بازىرىغا ئاقىدۇ؟ بۇنىڭغا پەقەت ۋاقىت ۋە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش ـ تۆۋەنلىشىلا جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن.

        ئەنئەنىۋى كەسىپلەر «قىش» تا،

        يېڭى كەسىپلەر «باھار» دا

        ئېھتىمال، سىز ئەتراپىڭىزدىكى نۇرغۇن شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ پۇل تېپىش تەسلىشىپ كەتتى، پۇل نەگە كەتكەندۇ؟ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابى شۇكى، مەبلەغ ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن يېڭى كەسىپلەرگە يۆتكىلىۋاتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ بۇرۇلۇش دەۋرى باشلانغان. 2010 ـ يىلىدىن بۇيان ماكرو ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشكەن. 2016 ـ يىلى ئاۋغۇستقىچە ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى %2.8 كە چۈشۈپ قالغان، ئەمما كومپيۇتېر، ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە ئېلېكتىر ياسىمىچىلىقىغا مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى 2012 ـ يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرىچە %15 ئەتراپىدا ئاشقان، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مۇلازىمەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى 2013 ـ يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىچە %27 ئېشىشنى ساقلىغان. كاپىتال بازىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يېڭى كەسىپلەرنىڭ سالمىقى تېز زورايغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010 ـ يىلىدىن 2016 ـ يىلى سېنتەبىرگىچە، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىچىدە ئۇچۇر تېخنىكىسى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاي چېكى شىركەتلىرىنىڭ بازار قىممىتى ئەسلىدىكى %11.5 تىن ئېشىپ %21.5 كە يەتكەن. ساپ پايدىسى ئەسلىدىكى %5.5 تىن ئېشىپ %12.5 كە يەتكەن. 2010 ـ يىلى ئېلىمىزدىكى پاي چېكى بازار قىممىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش شىركەت ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو سودا ـ سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش پاي چەكلىك شىركىتى، «خۇيفېڭ» پاي تىزگىنلەش پاي چەكلىك شىركىتى بولغان بولسا، 2016 ـ يىلى سېنتەبىرگە كەلگەندە، «تېڭشۈن» پاي تىزگىنلەش پاي چەكلىك شىركىتى، «ئەلى بابا» تور تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو سودا ـ سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكى بازار قىممىتى ئالدىنقى بەش ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە «تېڭشۈن» نىڭ پاي چېكى ئومۇمىي بازار قىممىتى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، «ئەلى بابا» نىڭ 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەر شارى بويىچە پاي چېكى بازار قىممىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىنتېرنېت تورى شىركەتلىرىگە ئايلانغان.

        مەبلەغ سېلىشنىڭ چىقىش يولى نەدە

        ماكرولۇق ئىقتىساد بۇرۇلۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇنداق ئەھۋالدا دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش پايدا ئېلىشتىنمۇ مۇھىم.

        2016 ـ يىلى ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەردە ئۆي ـ زېمىن باھاسى ئۆسكەندىن باشقا، مەبلەغ سېلىشتا پايدا ئالغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. پاي چېكى بازىرى بۇلتۇر پاي چېكى زىيادە ئۆسكەندىن كېيىنكى «داۋالىنىش» باسقۇچىغا كىردى، كۈندىلىك پاي چېكى سودا سوممىسىمۇ ئازىيىپ كەتتى، پاي چېكى باھا كۆرسەتكۈچلىرى تار دائىرىدە داۋالغۇدى؛ بانكا سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ تېز تۆۋەنلەپ، ھازىر كۆپ ساندىكى بانكا سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۆلچەرەن پايدا نىسبىتى %4 ئەتراپىغا؛ ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا تازا دەۋر سۈرگەن قالدۇقداننىڭ پايدا نىسبىتى %3 كە چۈشۈپ قالدى؛ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىمۇ داۋاملىق چۈشۈۋاتىدۇ؛ ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل ئۆسكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش (ئەسكەرتىش: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتى بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر قېتىم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.) پەيتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى ئەمدى «ئەركىلىيەلمەسلىكى» مۇمكىن؛ پۇل مۇئامىلىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىدى، شۇڭا قاتتىق تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىغا كىردى...

        بۇ يىل مەبلەغ سېلىپ پايدىغا ئېرىشىش تەسلىشىپ كەتتى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدا نىسبىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدا نىسبىتى ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادى 30 نەچچە يىل تېز ئېشىش مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرۇلۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقى، ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزGDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى %8 تىن يۇقىرى ئېشىشتىن ھازىرقى %6.5 ئەتراپىدا ئېشىشقا چۈشۈپ قالدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى تەبىئىي ھالدا ئەنئەنىۋى پۇرسەتنىڭ ئازايغانلىقى، يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنىڭ تېخى تولۇق شەكىللىنىپ بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

        بۇ ئەھۋالدا، بىز نېمىلەرگە مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك؟ ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى: مەبلەغ سېلىشتا ئالدى بىلەن كۆپ پايدىنى كۆزلىمەي، تۆۋەن، ئەمما مۇقىم پايدىنى كۆزلەش؛ ئاندىن سەۋر ـ تاقەتلىك بولۇش كېرەك. چۈنكى، ئىقتىسادىي بۇرۇلۇش ھە ـ ھۇ، دەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئېھتىمال، بۇنىڭغا بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش، يېڭى پۇرسەت، يەنى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش پۇرسىتىنى كۈتۈش بەكمۇ مۇھىم.

        بىز زادى نېمىگە مەبلەغ سالىمىز

        ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان مەزگىلدە، بىز ئۆزىمىزگە مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك.

        تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلگىرى ئىقتىساد تېز ئاشقاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانىدى، ئۇلار دەرسخانىلارغىمۇ بارالمىغانىدى. ئەمدى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، پۇرسەتمۇ ئازايدى، بۇ مەزگىلدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

        پاي چېكى بازىرىدا يېڭى ئۇقۇم، يېڭى يۈزلىنىشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن پاي چېكى بازىرىدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە چېتىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى ئۆستى. ھازىر بىز چىقىمدان ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىدىغان، ئاپتوبانكا ئارقىلىق كارتىسىز پۇل يۆتكەيدىغان، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىدىغان بولدۇق، قاتناش ئىشلىرىدا مۇھىت بۇلغايدىغان بېنزىن، سەلەركە قاتارلىقلارنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىغا باتارىيە ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشكە باشلاۋاتىمىز. بۇ بۈگۈنكى دەۋرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، ئەلۋەتتە. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېڭى ئۇقۇم، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى چۈشىنىشى، قوبۇل قىلىشى تەس بولۇشى مۇمكىن. سىز يېڭى ئۇقۇم، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى چۈشىنەلمىگەندە، كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇلارنى چۈشىنەلىشى ناتايىن. سىز كۆپ ساندىكى كىشىلەر چۈشىنىپ بولالمىغان يېڭىلىقلارغا مەبلەغ سالسىڭىز، كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭىلىقلارنى چۈشىنىپ، مەبلەغ سېلىشقا كىرىشكەندە، سىز ئۇلاردىن بالدۇر مەبلەغ سالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى كىشىلەردىن كۆپرەك پايدا ئالالىشىڭىز مۇمكىن.

        دۇنيادا پۇرسەت ئەزەلدىن تۈگەپ كەتمەيدۇ، پۇرسەت پەقەت بەزىدە كۆپىيىپ، يەنە بەزىدە ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن. دەۋر تەرەققىياتىنىڭ گۈل تاجىسى ھامان ئالدىدا ماڭغانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل دەۋرگە ماسلىشىپ، بالدۇر «ئويغىنىش»، پۇرسەتنى بالدۇر تۇتۇش ئارقىلىق، كۆپ پايدا ـ مەنپەئەتكە ئېرىشىشتۇر.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.