مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى قاراماي جەنۇبىي يولىدىكى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ شەرققە تۇتاشقان 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى يەر يۈزى قۇرۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

    بۇئايشەم2017-07-12 11:10:09تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شەھەر ئىستېمال گېزىتى خەۋىرى: 10-ئىيۇل كېچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قاراماي جەنۇبىي يولى ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ شەرققە تۇتاشتۇرۇلغان 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدىكى 1 - تۈۋرۈككە بېتون قويۇش باشلاندى. بۇ، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇش تۈرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

       مۇخبىر شۇ كۈنى ئارشاڭ شەرقىي يولى ئالاقە تۈەنى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، يەر يۈزىدىن سەككىز يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى كاتەك شەكىللىك پولات تۈۋرۈك ياسالغانلىقىنى كۆردى.

       ئىگىلىنىشىچە، قاراماي جەنۇبىي يولى ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا 568 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئېگىزلىكى سەككىز يېرىم مېتىردىن 23.4 مېتىرغىچە كېلىدىكەن. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكۈل لىنىيەسىدىكى يېڭىدىن ياسىلىدىغان ئاسما كۆۋرۈك يولى 5800 مېتىر بولۇپ، قوش لىنىيەدە ئالتە ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.