مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاۋات ناھىيەسى 8800 دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

    مەۋلۇدە2017-07-07 10:56:25شىنجاڭ گېزىتى

     ئامانگۈل ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەسى بۇ يىل يېزىلاردىكى 11 مىڭدىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچىنى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، 8800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە 1750 ئارتۇق ئەمگەكچى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا، 3550تىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىغا، 1500 ئارتۇق ئەمگەكچى كىچىك، مىكرو كارخانا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا، 2000دەك ئارتۇق ئەمگەكچى باشقا كەسىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     بۇ ناھىيە ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى، ئارال شەھىرى ۋە ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئېنىقلىدى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تىككۈچىلىك، پولات چىۋىق قۇراشتۇرۇش، بېتون قۇيۇش قاتارلىق تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەندىن سىرت، ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلەپ، لاياقەتلىك بولغانلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى. يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان كارخانىلارغا ھەر بىر خادىم ئۈچۈن 2400 يۈەندىن تەربىيەلەش ياردىمى بېرىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. كارخانىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ناھىيەلىك يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان دولان يېزىسىنىڭ دولان كەنتىدىكى ئېلى تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى ئاي پولات چىۋىق قۇراشتۇرۇش ۋە بېتون قۇيۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىپ، 4 – ئايدىن باشلاپ ناھىيەلىك يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئايدا 9000 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمەن. بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇم خېلى ياخشىلاندى. قارا كۈچكە تايىنىپ ئىشلىگەن بىلەن تېخنىكا ئىگىلەپ ئىشلىگەننىڭ پەرقى زور ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكامنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا يەنىمۇ لايىقلىشىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.