مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    لى شۈي شەھىرى توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم ببرىپ بولغان تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە

    مەۋلۇدە2017-07-07 10:54:51شىنجاڭ گېزىتى

     مۇھەممەت تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: لىشۈي شەھىرى بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسىنىڭ كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت – مائارىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالتە ساھەگە چېتىلىدىغان 16 تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 93 مىليون 210 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانىدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە.

     لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ يىل بۇ ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىدىن ئۈچنى يولغا قويۇپ، 3 مىليون 350 مىڭ يۈەن؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن بەشنى يولغا قويۇپ، 50 مىليون 200 مىڭ يۈەن؛ مەدەنىيەت تۈرىدىن ئۈچنى يولغا قويۇپ، 21 مىليون 810 مىڭ يۈەن؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئۈچنى يولغا قويۇپ، 14 مىليون يۈەن؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈرىدىن بىرنى يولغا قويۇپ، 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن؛ كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش تۈرىدىن بىرنى يولغا قويۇپ، 750 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى. 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، لىشۈي شەھىرى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن نىشانلىق ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان توقسۇ ناھىيەلىك ئاخبارات مەركىزى كەسپىي بىناسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، بېزەش باسقۇچىغا كىردى. لىشۈي شەھىرى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان تامتوغراق يېزىلىق شىپاخانىنىڭ 1750 كىۋادرات مېتىرلىق كېسەلخانا بىناسى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.