مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچىدى

    مەۋلۇدە2017-07-07 10:53:59شىنجاڭ گېزىتى

     ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، ئالاھىدە كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچىدى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى توشقان باقمىچىلىق بازىسى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە قۇم بىلەن داۋالاش سەھرا ئارامگاھى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ‹‹نامراتلارنى يۆلەش+›› ھەرىكىتى بۇ ۋىلايەتتە خاس كەسىپلەرنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

     توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئېڭىدا ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور ئۆزگىرىش بولدى. دېھقانلار ئىشىكى ئالدىدىكى بوش يەرلەرگە كۆكتات تېرىدى، يېزىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشكەن ئىشلەمچىلەرنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى بالقىيتتى. پەيشەنبە بازار يېزىسىنىڭ چوڭ قېچىچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ياسىن مۇنداق دېدى: نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىشى، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. بىز نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق كەنتتىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدۇق.

     چوڭ قېچىچى كەنتى 350 نامرات ئائىلىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شەپەقگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى قۇردى، كەنتتە قۇرۇلۇپ 30 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ‹‹ئالتۇن تاج›› دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

     ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق يۆلەش، كەنت دەرىجىلىك بازىلارنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى. توقسۇ ناھىيەسى 62 سەيلە – ساياھەت، ئىستىراھەت ئورنى قۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى 300دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاۋات ناھىيەسى 50 مىڭ توشقان كىرگۈزۈپ، 500دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنى توشقان باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى. بۇ ناھىيە 14 نامرات كەنتتە يېڭىدىن مەركەزلىك بېقىش ئورنى قۇرۇپ، ياشانغانلاردىن ئىگە – چاقىسىزلارنىڭ كۈتۈنىدىغان جايى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. باي ناھىيەسى داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ھەقسىز داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى. كۇچا ناھىيەسى ‹‹بەش كىچىك دۇكان، بىر بازار›› (كىچىك سودا دۇكىنى، كىچىك ساتىراشخانا، كىچىك رېمونتخانا، كىچىك ئاشخانا، كىچىك ئۇچۇر مۇلازىمەت ئۆيى ۋە بىر ئىگىلىك تىكلەش بازىرى) ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسىدىن 20نى بەرپا قىلىپ، 6000 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.