مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    كۈنەس ناھىيەسى ئاشلىق يېرىنى يەم–خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىپ، ‹‹قوش ئۈنۈم››گە ئېرىشتى

    مەۋلۇدە2017-07-07 10:52:48شىنجاڭ گېزىتى

     ئەخەت ئېلاخۇن خەۋەر قىلىدۇ: كۈنەس ناھىيەسى بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق يېرىنى يەم – خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىشتىكى ئۈلگە ناھىيەلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئاشلىق يېرىنى يەم – خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، باقمىچىلارنىڭ باقمىچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹قوش ئۈنۈم››گە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن دېھقان – چارۋىچىلار 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن كىرىم ياراتتى.

     بۇ ناھىيە بۇ يىل ئاشلىق يېرىنى يەم – خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىش تۈرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، 11 يېزا – بازار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى تۆت دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 18 باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كارخانىلارنىڭ سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىقلارنى تېرىشىغا ئىلھام بېرىپ، سىلوس قونىقى كۆلىمىنى 21 مىڭ موغا يەتكۈزدى. ئالمىلىق بازىرىدىكى ‹‹يىنۇڭسۈن›› باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان كالا 500 گە يېتەتتى. بۇ كوپىراتىپ ئاشلىق يېرىنى يەم – خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر توننا يەم – خەشەكتىن 60 يۈەن تېجەپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن گۆش ۋە سۈتنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، باقمىچىلىق تەننەرخى تۆۋەنلەپ، باقمىچىلارنىڭ كىرىمى ئاشتى. بۇ كوپىراتىپ بۇ يىل 850 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ سىلوس قونىقى تېرىپ، يەم – خەشەك بىلەن باقمىچىلىق قىلىپ چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.