مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

    ئامانگۈل2017-07-05 11:23:14شىنجاڭ گېزىتى

     چېن چۈەنگو قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

    جۇ خەيلۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 7–ئاينىڭ 4–كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

     ياز ئېيىدىكى قەشقەر بۈك – باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، مېۋە – چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو زاۋۇت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

     شېنجېن كەسىپلەر رايونى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ جايغا 25 كارخانا ماكانلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانا 21 بولۇپ، 3699 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. چېن چۈەنگو كەسىپلەر رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ھەم سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپلەر رايونىنى تىرىشىپ قەشقەرنىڭ يېڭى ئىقتىساد ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

     شىنجاڭ ‹‹مېيلىئو›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىر تۆت ئىشلەپچىقىرىش سېخى، 1300دىن ئارتۇق ئىشچىسى بار بولۇپ، 2017 – يىلى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 100 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. چېن چۈەنگو شىركەتنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە زالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو سېختا ئىشچى پاتىگۈل ھۈسىيىن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ يەنە ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو سېختىن چىقىپ، خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن بىر نەچچە ئايال ئىشچىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى. ئۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: كىرىمىڭلاردىن رازى بولدۇڭلارمۇ؟ تامىقىڭلار ياخشىمۇ؟ دەپ سورىدى. ‹‹بۇ يەردە ئىشلىگىنىمىزدىن ناھايىتى خۇشال، كىرىمىمىزدىنمۇ ئىنتايىن رازى››. كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن سۆز قوشۇپ جاۋاب بەردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاياللار ‹‹يېرىم دۇنيا››، سىلەر ئۆيۈڭلەردىن چىقساڭلار نەزەر دائىرەڭلەر كېڭىيىدۇ، تۇرمۇش شارائىتىڭلارمۇ ياخشىلىنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاچا – سىڭىللارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم بېرىڭلار.

     چېن چۈەنگو قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى ۋە خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: سىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، شۇڭا خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەلب كۆۋرۈكى سېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە تۇتاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، بىخەتەر، ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىشىڭلار كېرەك. مەھەللە پائالىيەت مەركىزىدە ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناخشا رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقان بولۇپ، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇنىرە نۇرمەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەر يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، كۆپچىلىك ھەر كۈنى پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ھەر ھەپتىدە پائالىيەت بار، ھەممەيلەن ئىنتايىن چىقىشىپ ئىناق ئۆتىمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەتلىك رايون، ھەر قايسى مىللەتلەر گۈزەل يۇرت – ماكانىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ياخشى قۇرۇشى كېرەك. چېن چۈەنگو شادىيانە ناخشا ساداسى ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈشىنى، مەھەللىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى تىلىدى.

     بۇ مەھەللىنىڭ ئاھالىسى ئابلىمىت كۇپىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، چېن چۈەنگو بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، خۇشال ھالدا ئازادە پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سۈرۈشتۈردى. چېن چۈەنگو 70 ياشلىق ئابلىمىت كۇپىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەپقىتى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

      چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، 19 – قۇرۇلتاينى تەشۋىق قىلىش، 19 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››قا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر نورمال ھالەت››نى ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت قاتلىمىدا مۇداپىئە كۆرۈش – تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، چېگرانى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشتىكى ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر – ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدا جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك نامراتلىق ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.