مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئايلانما يامالىق تېغى بۆلەك رايونىدا 10 مىڭ مولۇق ئورمان باغچىسى قۇرۇلىدۇ

    بۇئايشەم2017-06-30 10:31:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شەھەر ئىستېمال گېزىتى خەۋىرى: يامالىق تېغى ئۈرۈمچى شەھەر ئوتتۇرسىدىكى تاغ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئون مىڭ مولۇق ئورمان باغچىسى قۇرۇش، مەنزىرە يولى ياساش، تاماشا سۇپىسى ياساش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ شەھەر ئاممىسىغا «تاغدا ئويناپ، تاغ ئەتراپىنى ساياھەت قىلىش» تەك ساياھەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، يامالىق تېغىنى چۆرىدىگەن ئاساستا «يېشىللىق» بەرپا قىلىنىپ، يامالىق تېغى ئىستىراھەت، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر ئۇنىۋېرىسال ئورمان باغچىسى بەرپا قىلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.