مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلاندا ھەقسىز تاماق بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

    ئامانگۈل2017-06-29 17:44:30شىنجاڭ گېزىتى

      خاسىيەت جۈمەنىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن باشلاپ، ئايروپىلاندا ھەقسىز تاماق بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. يولۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، توردا ئالدىن تاماق زاكاز قىلسا بولىدىكەن.

     ئايروپىلاندا ھەقسىز تاماق بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، توردا ئالدىن تاماق زاكاز قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغاندا، ئايروپىلانلاردىكى تاماق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى، تاماق سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يۈك – تاقنى ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئايروپىلان بېلىتى سېتىشنى يولغا قويىدىكەن، بۇنداق بېلەتنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىدىن %5تىن %12 كىچە تۆۋەن بولىدىكەن.

     ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سېن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت شەكلىنى يولغا قويۇشىغا، يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

     ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلاردا ئېھتىياجى بويىچە سېتىۋېلىش ئىستېمال ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، بىر يۈەنلىك باھا بىلەن 20 كىلوگىراملىق يۈك – تاقنى ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتىنى توردا سېتىشنى يولغا قويىدىكەن. 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن ئىلگىرى ( 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يولۇچىلار بىردەك داۋاملىق ھەقسىز تاماقتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا باھاسى 25 يۈەنلىك ئالاھىدە تاماقنى ئالدىن زاكاز قىلسىمۇ بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.