مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    بۇ يىل «520» كۈنىدە توي خېتى ئالغىلى كەلمەڭ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-19 11:11:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       بىر-بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلەر قۇتلۇق، مەنىلىك كۈننى تاللاپ توي خېتى ئېلىشنى ئويلايدۇ. ھەر يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇرغۇن ياش قىز-يىگىتلەر «214»»، «520» كۈنلىرىنى تاللاپ «خەت ئالىدۇ». بىراق، بۇ يىلقى «520» كۈنىدە (20-ماي) ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ ياخشىسى توي خېتى ئالغىلى بارماڭ. چۈنكى، 20-ماي، 21-ماي كۈنلىرى شەنبە، يەكشەنبە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ھەر قايسى رايونلاردىكى نىكاھ تىزىملاش ئورۇنلىرىنىڭ نورمال ئارام ئالىدىغانلىقىنى، نىكاھ تىزىملىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.