مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    ئىچكى موڭغۇل- ئوتتۇرا جۇڭگو تۆمۈر يولى خەنجياڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

    بۇئايشەم2017-05-19 09:39:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       جۇڭگو تۆمۈريول 11-ئىدارىسى ياساشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىچكى موڭغۇل- ئوتتۇرا جۇڭگو تۆمۈر يولىدىكى خەنجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇل-ئوتتۇرا جۇڭگو تۆمۈر يولى خەنجياڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھەر رايونىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خەنجياڭغا جايلاشقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5242 مېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل- ئوتتۇرا جۇڭگو تۆمۈر يولىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ مۇنارى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى پۈتىدىكەن. بۇ تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ لىنىيە شىمالدا ئىچكى موڭغۇلدا باشلىنىپ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىنەندە ئاياغلىشىدىكەن. 2020-يىلى قاتناش باشلاش پىلانلانغان. بۇ لىنىيە داتۇڭ - چىنخۇاڭداۋ تۆمۈر يولىدىن كېيىنكى مەملىكىتىمىزدە يېڭىدىن ياسالغان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن كۆمۈر توشۇش يولى ھېسابلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.