مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

    ئامانگۈل2017-05-18 17:36:12شىنجاڭ گېزىتى

     ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى يېقىندا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى جىددىي ئەھۋالدىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئوبوروت مەبلىغىدىن 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

     بۇ ۋىلايەت 2015 – يىلى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى جىددىي ئەھۋالدىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئوبوروت مەبلىغى تەسىس قىلغانىدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى جىددىي ئەھۋالدىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئوبوروت مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش قولاي، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، شايار ناھىيەلىك ‹‹جىنشېڭ›› (يۈشياڭ) توغراق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹تيەنجياۋ›› چىلانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹يۇڭلىسىن›› يۇقىرى، يېڭى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئون نەچچە كارخانا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى جىددىي ئەھۋالدىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئوبوروت مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، مەبلەغ كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.