مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرايلى

    ئامانگۈل2017-05-18 13:11:01شىنجاڭ گېزىتى

     4 – ئايدا 1 – پەسىلدىكى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا 1 – ئايدىلا ياخشى ئېشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلگەن، بۇنداق يۈزلىنىش 1 – پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان. ئۇنداقتا بۇنداق ياخشى يۈزلىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنداق يۈزلىنىشنى يەنە قانچىلىك داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ كونكرېت تەھلىل قىلغاندا، باھانىڭ ئۆسۈشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە ئاساس ساننىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللار ئىقتىسادتا ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان. ئەمما تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنى جەمئىيەتنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، ھەرىكىتىنىڭ ئاڭلىقلاشقانلىقى ۋە ‹‹ئۈچنى ئازايتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ، دېمەك، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىقتىسادقا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

     ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشنى ئالساق، بىر قىسىم جايلار ئۆزلىرى مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادىنىڭ باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئەمما ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىپىسى تەقسىمات شەكلىدە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، جايلارنىڭ ئەندىشىسى تۈگەپ، بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ يىل 1 – پەسىلدە مەملىكەتتىكى كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىلىش نىسبىتى %75.8 بولۇپ، بۇلتۇرقى 4 – پەسلىدىكىدىن ئىككى پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

     1 – پەسىلدە ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ياخشى باشلىنىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى، تەسلىكتە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجە پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى. ئۇنداقتا بۇنداق يۈزلىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىنىپ، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىلدى. يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەسلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى تىپ ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن كېلىدۇ، باج ۋە باشقا سېلىقلارنى ئازايتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ. 4 – ئايدا گوۋۇيۈەن قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئېتىبار باجنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئىزچىل ئېشىشقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى. ئەگەر يۇقىرىقى باجنى ئازايتىش تەدبىرلىرىگە قوشۇلۇپ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش سىناق نۇقتىلىرى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلسە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا بازار سۇبيېكتلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنىڭ 380 مىليارد يۈەن ئازىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقلەرمۇ ئازايتىلدى. 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ شەھەرلەردىكى جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە ھەققىنى يىغىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا كاپالەتلىك قىلىش پۇلى ئېلىش سىياسىتى تەڭشەلدى. ھەقلەرنى ئازايتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يىل ئىچىدە كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقلەر 200 مىليارد يۈەن ئازىيىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

     ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلاشتا چوقۇم خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەر نۇقتىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تەدبىرنى يولغا قويدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن مەركەزنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئۆز جايىدىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

     مەركەزنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەرلىك تارماقلار ئەستايىدىل تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى مەركەزنىڭ زور سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىكتە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يېقىندا گوۋۇيۈەن 2016 – يىلىدىكى زور تەدبىر ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتقان 26 ئۆلكە، 90 شەھەر ۋە 127 ناھىيەنى تەقدىرلەپ ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ئازايتىش خىزمىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان توققۇز ئۆلكىگە ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان ۋەزىپىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن، 2017 – يىللىق مەركەز مالىيەسىدىن بېرىلىدىغان مەخسۇس مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىپ بېرىلدى.

     سىياسەتنى ياخشى ئىجرا قىلغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش يەرلىكنىڭ تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.