مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئاقسۇلۇق ئوقۇتقۇچىلار خاڭجۇلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتتى

    ئامانگۈل2017-05-18 13:08:40شىنجاڭ گېزىتى

     ئۆمەر ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ شەھىرىگە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ‹‹1000 سائەت دەرس ئاڭلاش، 100 ئوقۇتقۇچى قوشماقلىشىش›› پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى، پائالىيەتتە تۇنجى تۈركۈمدە ئاقسۇلۇق 29 ئوقۇتقۇچى خاڭجۇ شەھىرىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن توققۇز ئوقۇتقۇچىنى ئۇستاز تۇتتى.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ پائالىيەت ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدا ئاقسۇ شەھىرىدىكى 100 ئوقۇتقۇچى خاڭجۇ شەھىرىدىن مائارىپ ئارقىلىق ئاقسۇغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تەربىيەلىنىدىكەن. بۇ قېتىم خاڭجۇ شەھىرىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتقان ئاقسۇلۇق 29 ئوقۇتقۇچى ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 2 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.