مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    21 ئەلاچى ئوقۇغۇچى ‹‹دىلنار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-05-18 13:08:39شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ ‹‹دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى››نىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹تەكلىپلىك پىروفېسسورى››، ئاتاقلىق سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەلاچى 21 ئوقۇغۇچىغا 5000 يۈەندىن 2016 – يىللىق ‹‹دىلنار ئوقۇش مۇكاپاتى›› تارقاتتى.

     جۇڭگو شىنجاڭ ‹‹دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇلتۇردىن باشلاپ ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان، 24 ئوقۇغۇچى ‹‹دىلنار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنىدى. بۇ فوندى جەمئىيەت 2007 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، مېيىپلەرگىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فوندى جەمئىيەت قارىمىقىدىكى ‹‹شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت – سەنئەت مەكتىپى››دە سەنئەت سۆيەر ھەر مىللەت بالىلارنى ھەر خىل سەنئەت تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلىدى. دىلنار ئابدۇللا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى خانىم – قىزلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، گۈزەل ئاياللارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››غا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى.

     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈليار مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مەن ئۇدا ئىككى يىل ‹‹دىلنار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. بۇ پۇل ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىپلا قالماي، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمغىمۇ تۈرتكە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.