مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    2018-يىللىق خەلقئارا ساياھەت خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى تاللاش باشلاندى

    بۇئايشەم2017-05-18 11:22:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: 17-ماي، 2018-يىللىق خەلقئارا ساياھەت خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى تاللاش ۋە شىنجاڭ ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى 17-ماي باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مايدىن 2018-يىلى ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن، 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان، بوي ئېگىزلىكى 1.62 مېتىردىن ئېگىز قىزلار بۇنىڭغا قاتناشسا بولىدىكەن.

        2018-يىللىق خەلقئارا ساياھەت خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى كەڭ تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.

        ئۈرۈمچى رايونىدىكى مۇسابىقىگە تىزىملىتىش نۆۋەتتە باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىستۇدېنتلار مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپلەردىن تىزىملىتىدىغان قىزلارنى ئالدىن تاللايدىكەن.

        ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا ساياھەت خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مۇسابىقىنىڭ بىرى بولۇپ، بارا-بارا مەملىكەت ئىچى، خەلقئارا ساياھەت مودا مەدەنىيتىدىكى چوڭ مۇسابىقىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، جۇڭگونىڭ ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى باغلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.