مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ‹‹دېھقان–چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى

    مەۋلۇدە2017-05-17 16:23:57شىنجاڭ گېزىتى

      نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››نى تەشكىللىشىگە ھەمكارلىشىپ، كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىغا دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى.

        ناھىيەلىك مائارىپ سىستېمىسىدىن بۇ ناھىيەنىڭ ياقا ئۇلاستاي يېزىسى قۇجۇرتاي كەنتىگە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبە كامال 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قۇجۇرتاي كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىدىكى ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››گە يىغىلغان ھەر مىللەت ئاممىغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى. گەرچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ خەنزۇچە خەتلەرنى تەلەپپۇز قىلىشى، يېزىشى ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، ئەمما توختىماي خاتىرە قالدۇرۇشىدىن، سوئال سورىشىدىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

        كەنت ئاھالىسى بېلىزات تېلۆبېك مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››دە ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان ماڭا ئوخشاش سىرتلارغا چىقىپ ئىش ئىزدەيدىغان، خەنزۇ تىلىغا ئېھتىياجى بار كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولدى. مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ خەنزۇ تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن.

        بۇ يىل 3 – ئايدا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن بۇ كەنتتە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئاممىنىڭ تىل چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن سىرتلارغا چىقىپ ئىش ئىزدەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدى، شۇ سەۋەبتىن خىزمەت ئەترىتى مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››دە دېھقان – چارۋىچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشكە مەسئۇل قىلدى. ئۇلار ئەستايىدىل دەرس تەييارلاپ، دەرسنى ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش سۆزلىرىنى چۈشەندۈرۈشتىن باشلىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن كەنت ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۇرسقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى.

        ئۇقۇشىمچە، ھازىر بۇ ناھىيەدىكى 13 يېزا – بازاردىكى 89 كەنت ۋە ئاھالىلەر رايونىدا ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى›› بولۇپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ھازىرغىچە ناھىيە بويىچە كەنتلەردىكى ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››دە ئېچىلغان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسى 1420 مەيدانغا، قاتناشقان دېھقان – چارۋىچى 139 مىڭ 200 كىشىگە يەتكەن.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.