مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

    مەۋلۇدە2017-05-17 16:16:57شىنجاڭ گېزىتى

      داۋۇتجان ئىمام خەۋەر قىلىدۇ: ئالاتاۋ تاموژنىسى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزلىرىنىڭ چېگرادىن بىخەتەر، ئۆز قەرەلىدە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تۆمۈريول كونتېينېر شىركىتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاڭ زېڭجىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئالاتاۋ پورتىنىڭ چېگرادىن يۈك ئۆتكۈزۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹يېشىل›› يول ئېچىپ، جۇڭگو – ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن تېز ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە، بۇلتۇر ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكەن جۇڭگو – ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى يۈك پويىزى 1200 قېتىمدىن ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈردى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.