مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى–سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

    ئامانگۈل2017-05-17 11:53:20شىنجاڭ گېزىتى

     رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بىلەن كەسپىي سىنىپلىرىنىڭ 21 – قارارلىق ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى دەرس باشلاندى. ‹‹ھەمكارلىق پىلانى›› بويىچە ئىچكىرىدىن كەلگەن 100 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى، مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 114 كىشى كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

     كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىدىن شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ۋاقتى بىر ھەپتە بولۇپ، كۇرستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا دەرس ئۆتىدىكەن. بۇ كۇرس مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2008 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 20 قارار ئېچىلغان.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.