مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، ئالتايغا ماڭىدىغان ساياھەت پويىزى كۆپەيتىلىدۇ

    بۇئايشەم2017-05-17 10:47:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ۋوگزالىدىن 15-ماي ئىگىلىشىچە، 10-ئىيۇن سائەت 0:00 دىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى مۇشۇ يىل ئىچىدە يۈرۈش خەرىتىسىنى تۆتىنچى قېتىم تەڭشىگەن. بۇ ۋاقىتتا، ئالتاي شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، ئالتاي شەھىرىگە قاتنايدىغان ساياھەت پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن.

        غۇلجا ۋوگزالى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى شاشانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى نۆۋەتچى ساياھەت پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.