مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىقتىسادى جانلاندى

    مەۋلۇدە2017-05-16 15:38:05شىنجاڭ گېزىتى

      ئەنۋەرجان ئابدۇۋاھىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە جانلىنىش كۆرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قوشۇلما قىممىتى 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان.

        بۇ ۋىلايەت بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ‹‹ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، باغ – ئورمانچىلىق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش›› تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ، خاس باغ – ئورمانچىلىقنى زورايتىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 300 مىڭ مو ئازايتىپ، 7 مىليون مو ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشنى؛ كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 44 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1400 مو كۆپەيتىشنى؛ خاس باغ – ئورمانچىلىق كۆلىمىنى 4 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتىنى 2 مىليون 200 مىڭ توننىغا، باغ – ئورمانچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى 16 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %7.6 ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.