مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    جاپالىق ئەجىردىن شېرىن مېۋە

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:29:33

    مىجىت ئىبراھىم

            پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى چىنار باغ كەنتىدىكى ئادىل ئوسمان ھۆكۈمەتنىڭ ئىش تەقسىماتىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، جاپالىق ئەجرىنىڭ قەنتىنى چاقتى.

        ئادىل ئوسمان 1997 – يىلى 7 – ئايدا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، 2000 – يىلىغىچە ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. 2001 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ لۈكچۈن بازارلىق سوتىنىڭ ئىجرا خادىمى بولۇپ ئىشلىدى. 2005 – يىلى ئەتىيازدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىككى يىلغا يېقىن ئۇششاق تىجارەت قىلدى، لېكىن تىجارىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، تاپقان – تەرگىنى تۇرمۇشىنى قامداشقا ئاران يېتىپ، قولى تۈزۈكرەك پۇل كۆرمىدى. ئۇ باشقا بىرەر ھۈنەر – كەسىپ قىلىپ بېقىشنى ئويلاپ، 2007 – يىلى باش باھارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، شۇ چاغدا ناھىيەدىن كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلاردىن مەسلىھەت ئالدى، بۇ كادىرلار ئۇنىڭغا كۆپرەك يەر ھۆددىگە ئېلىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە قوشنا دىغار يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر ھۆددىگە ئالسا ئىجارە ھەققى ئەرزان بولىدىغانلىقى ھەم سۇ قىيىنچىلىقى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دىغار يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېڭىشىپ، 150 مو بوز يەرنى ھۆددىگە ئالدى. ئۇ بۇ يەرگە تۇنجى يىلى كېۋەز، كېيىنكى يىلى قوغۇن – تاۋۇز تېرىغان بولسىمۇ، زىرائەتلىرى قاتتىق بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، پايدا ئېلىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. ئۇ كېيىن تېخنىكلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ سۆكسۆك كۆچىتى تىكىپ، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسۇقى ياسىدى ۋە ئۈزۈم تېلى كۆلىمىنى 15 موغا كېڭەيتتى. كېيىنكى يىلى ئۇ 150 مو يەرگە سورتلۇق قوغۇن تېرىپ، تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، 50 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە ھۆددىگە ئالغان 150 مو يېرىگە داۋاملىق سورتلۇق قوغۇن تېرىپ، 15 مو يېرىگە سورتلۇق ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپ، تېخنىكا تەلىپى بويىچە پەرۋىش قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بازار بويىچە بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

        ئادىل ئوسمان 2015 – يىلى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 15 مو ئۆرۈكلۈك بېغىغا راۋاق، كىگىز ئۆي، پائالىيەت مەيدانى، تاش ئۆستەڭ ياساپ، ‹‹راھەتباغ›› ئارامگاھىنى ئېچىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باستى. ئۇنىڭ ئارامگاھى پىچان ناھىيەسىدىكى لۈكچۈن، دالانكارىز، تۇيۇق، دىغار قاتارلىق تۆت يېزا – بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاچقا، مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، سودىسى راۋاج تېپىپ، شۇ يىلىلا ئۈنۈمىنى كۆردى. 2016 – يىلى ئۇ يەنە 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئارامگاھنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئارامگاھنىڭ 2016 – يىللىق ساپ پايدىسى 250 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئادىل ئوسمان مۇنداق دېدى: بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئارامگاھىمىزدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈۋېدى، بىر كۈنلۈك كىرىمىم 22 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئارامگاھقا ئىككى يىلدىن بۇيان 100گە يېقىن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم.

        ئادىل ئوسمان زىيارەت ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئارامگاھنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش بىلەن بىللە، جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە دېھقان ياشلارنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىش ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.