مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئوقۇغۇچىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:11:41شىنجاڭ گېزىتى

    قېيىم پەتتار

       مەلۇم بىر پېشقەدەم مائارىپچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ‹‹ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەن ئوقۇتۇۋاتقان ۋاقىتتىكى پەرىزىمدەك چىقماي قالدى، شۇڭا ئۇلار توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنىڭ ھەقىقەتەن چەكلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم›› دەپ خۇرسىنغانىدى.

        دېمىسىمۇ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى، تەلىم – تەربىيەنى ياخشى چۈشىنىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئوبدان چۈشىنىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا تەس ئىشمۇ ئەمەس. ئالايلى، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى، يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ توغرا مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى، پىسخولوگىيەلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇشقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشتە ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغىنى، يەنىلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى، سەزگۈر تۇيغۇسىدۇر.

        ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە چۈشىنىشى زۆرۈر:

        بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىشى لازىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەيپىيات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەن. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ‹‹كاللىسى››دىن چاتاق چىققانلىقى ئەمەس، ‹‹كەيپىياتى ۋە پىسخىكىسى››دا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەب بولىدىكەن. مەسىلەن، تەشۋىشلىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن. بەزى ئوقۇغۇچىلار زىيادە تەشۋىشلەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تېيىز قاتلامدا توختاپ قالىدىكەن. مەسىلە يەشكەندە تەشۋىشلىنىپ تۇرىدىغان بۇنداق كەيپىيات تەكرارلىنىۋەرسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى شۇ بويىچە بېكىتىلىپ قالىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى ياكى ئاتا – ئانىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا پاسسىپ ھالەتتە ئۆگىنىش قىلىۋەرسە، ساختا ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىدىكەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ‹‹تەپەككۇر قىلىشتىكى قاشاڭلىقىنى يۈزەكى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياپىدىكەن››. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگەنگۈسى كەلمەيدىغان كەيپىيات كۆرۈلسە، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. ئاۋۋال كەيپىياتقا، ئاندىن ئوقۇتۇشقا دىققەت قىلىش ئوقۇتقۇچىلاردىكى مۇھىم مېتود ھېسابلىنىدۇ.

        ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى چۈشىنىشى لازىم. ئادەم ئۈزلۈكسىز خاتالىق سادىر قىلىش ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالامسىز؟ ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بىر خىل خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىققا يېتەكلىيەلەمسىز؟ بۇنداق قابىلىيەتنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

        ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلگەنلىرىنى چۈشىنىشى لازىم. ئۆگىنىش بىلگەنلىرى ئاساسىدا بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىنىدىغان جەريان. داڭلىق پېداگوك ئاۋسۇبېل مۇنداق دېگەن: ‹‹بارلىق مائارىپ پىرىنسىپلىرىنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، <ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش پەللىسىنى چۈشەن> دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن››. بۇ يەردىكى ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش پەللىسى›› ئۇلارنىڭ بىلىمىنىڭ باش پەللىسى بىلەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ‹‹تۇتاش قاچىلار›› دەرسىنى ئۆتكەندە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى ئېسىمدە: ئوقۇتقۇچى تۇتاش قاچىلارنىڭ ئۇقۇمى بىلەن پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلاردىن تۇرمۇشتا ئۇچرىتىدىغان، تۇتاش قاچىلار پىرىنسىپىغا چۈشىدىغان مىساللارنى ئېيتىپ بېقىشنى سوراپتۇ. بىر ئوقۇغۇچى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىنى مىسال كەلتۈرۈپتۇ، لېكىن يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىنىڭ قانداق بولۇپ تۇتاش قاچىلار پىرىنسىپىغا چۈشىدىغانلىقىنى زادىلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەپتۇ. باشقا ئوقۇغۇچىلار شۇنچە تىرىشىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بۇ قىز قوشۇمىسىنى تۈرگەن پېتى تۇرۇۋېرىپتۇ. بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدە يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇقۇم يوق ئىكەن. شۇڭا دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە سۆزلىشى مۇھىم ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى مۇھىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئوقۇتۇشى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلمەيدىغان ياكى بىلگەن تەقدىردىمۇ چالا – بۇلا بىلىدىغان مەسىلىلەردە ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ كۆرسەتمە بېرىۋەتسە، ئوقۇغۇچىلار تۇيۇقسىز كاللىسى ئېچىلىپ كەتكەندەك بولىدۇ.

        دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش جەريانى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپتە چوڭقۇرلاش، تەربىيەدە ياخشى نەتىجە يارىتىش جەريانىدۇر. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.