مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپلەشتۈرۈش مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ تەلىپى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:10:01شىنجاڭ گېزىتى

    پاتىگۈل ئەشرەپ

       شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يې لەننىڭ ‹‹ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىزدىنىش›› ناملىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىگە يازغان: ‹‹شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلمىسە، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلاردا روھىي ئازادىلىك بولمىسا، ئوقۇغۇچىلاردا روھىي ئازادىلىكنىڭ بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلمىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇتۇش ئىجادكارلىقى بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادكارلىق روھىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ...›› دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھازىر، چەت، يىراق يېزا – بازارلاردىكى مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپلىشىش، مەخسۇسلىشىشقا بولغان تونۇشى، كۆز قارىشىدا مۇجمەللىك بار، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسىنىڭ دېگەندەك يۇقىرى بولماسلىقى ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، بۇ مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە پايدىسىز.

        ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولغىلى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، كەسىپلىشىش ئارقىلىق مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟

        بىرىنچى، ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

        ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى، تولۇقلىشى ۋە كېڭەيتىشى، مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىشى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيەسىنى نۆۋەتتىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۇنيا قارىشىدىكى پاسسىپ ھالەتنى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆزگەرتىشى، ئەتراپلىق بولغان مائارىپ، ئىلىم – پەن ساپاسى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپلەشتۈرۈش مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشىدىكى مۇھىم جەريان، ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپا ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىيجاناب كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ‹‹ئايرىم تەربىيە، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات››تەك ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ‹‹ئايرىم تەربىيە›› نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىلغان تەربىيە بولماستىن، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپتىكى تەرەققىياتىغا قارىتىلغان تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەكتەپلەر يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ‹‹يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچى››، ‹‹تاللاشقا بولىدىغان دەرسلىك››، ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دەرسخانا بەرپا قىلىش››تىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نىشاننى چۆرىدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىمنى مەسئۇل قىلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹مائارىپ تەتقىقات ئىقتىدارى››نى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى؛ ئالاقىدار باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن ‹‹كەسپىي جەھەتتىكى يېتىلىش پىلانى››نى تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئېنىق نىشان، تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېكىتىشى؛ قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپلەر نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى؛ شەرتكە چۈشىدىغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارغا دەرسنى ياخشى ئۆتكەندىن باشقا، ئۆز ئالدىغا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى، ھەر خىل يېڭى ئوقۇتۇش ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

        ئىككىنچى، ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ئىناق مائارىپ مۇھىتى يارىتىش كېرەك

        مائارىپنىڭ ماھىيىتى ئادەم تەربىيەلەش، ئادەم تەربىيەلەش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، باشقا مەسىلىلەر ئاسانلا ھەل بولىدۇ. شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش مۇھىتىنى تۈزەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر ‹‹تەشۋىقات ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەش››، ‹‹دېموكراتىك باھالاش، خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش›› قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىشى؛ شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلاردا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مائارىپ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. تۈرلۈك پائالىيەتلەر قەرەللىك قانات يايدۇرۇلسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كەسىپتە بەسلىشىدىغان، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئىناق كەيپىياتتا ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىدىغان، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.

        ئۈچىنچى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك

        دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، ئۇلارنى ھەمكارلىشىش، ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئۆزئارا سۆھبەت ۋە مۇنازىرە داۋامىدا ئورتاق تونۇشقا كېلىشكە يېتەكلەپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش نىشانىنى بېكىتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹دەرس تەييارلاشنى››كۈچەيتىش، شەخس بىلەن كوللېكتىپنىڭ ئورتاق ئىزدىنىشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس – پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ‹‹ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، قايتا ئىزدىنىش››نى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلاش كېرەك. مەكتەپلەر ‹‹بىر دەرسنى كۆپ قېتىم باھالاش، كۆپ مەنبەلىك تۈرتكە بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش›› پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر سىنىپ ۋە ھەر بىر سائەتلىك دەرستە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشنى چۆرىدەپ، دەرسخانىنى تەتقىقات ئورنى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى تەتقىقات سۇبيېكتى قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا ياخشى يۈزلىنىش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.