مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

    ئامانگۈل2017-05-12 12:19:42شىنجاڭ گېزىتى

      داۋۇتجان ئىمام، ئانىگۈل مامۇتجان خەۋەر قىلىدۇ: جىڭ ناھىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن 28 كىشىگە 1 مىليون 740 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى تارقاتتى. ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 84 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

     بۇ ناھىيە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تىپلارنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى سىياسىتىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەرز پۇلى تارقىتىشتىن بۇرۇن تەكتىنى ئېنىقلاش بىلەن قەرز پۇل تارقىتىشتىن كېيىنكى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قەرز پۇلنىڭ دەل جايىغا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.