مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئۈندىداردا مال سېتىۋالغاندا ھوقۇقنى قانداق قوغداش كېرەك؟

    ئامانگۈل2017-05-12 11:31:08شىنجاڭ گېزىتى

    چى جىمىڭ

     ئۈندىداردا مال سېتىۋېلىش قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىس ئىستېمالچىلارغا ئۈندىداردا مال سېتىۋالغان چاغدا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل ئارقىلىق قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەۋسىيە قىلدى:

     1.ئىسپات توپلاش ۋە ساقلاش. ساختا، ناچار مەھسۇلاتنى يان تېلېفوندا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن، ساتقۇچى بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىنىمۇ سۈرەتكە تارتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇش كېرەك.

     2.ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ مال قايتۇرۇشنى كېڭىشىش كېرەك. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن توردا مال سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار ماددىلارنى ئۈندىدار سودىسىغىمۇ ئوخشاشلا تەتبىقلاشقا بولىدۇ.

     3. سېتىۋېلىنغان مالدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۈچىنچى تەرەپ سودىلىشىش سۇپىسى بولغان ‹‹مىكرو دۇكان›› ئەپ دېتالى ئارقىلىق دەرھال مىكرو دۇكان سۇپىسىنى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

     ئەگەر سودىلىشىش سۇپىسى ساتقۇچىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ مۇناسىپ تەدبىر قوللانمىغان بولسا ياكى ساتقۇچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

     4.ئۈندىداردا مال ساتقۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە پاش قىلسا بولىدۇ. 

     5 . جىنايەتكە چېتىشلىق بولسا ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندا ئەگەر ساتقۇچىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشسا، ج خ ئورگىنى دېلو تۇرغۇزۇشى كېرەك.

     6. ئەگەر ئىستېمالچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ۋاقتىدا ساتقۇچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

     مۇتەخەسسىسلەر يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىستېمالچىلار ئۈندىدار ئارقىلىق سودىلاشقاندا ساتقۇچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئېنىق ئىگىلىشى كېرەك؛ چوڭ تاۋارلارنى سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى ساتقۇچى بىلەن يازمىچە كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك؛ بانكا، ئالىپاي دېتالى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ پۇل ئەۋەتىش ۋە پۇل تۆلەشكە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ساقلىۋېلىش كېرەك؛ پۇل تاپشۇرۇۋلغۇچى بىلەن مال ساتقۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ توغرا كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

    بېلىقىز ئەخەت تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.