مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلارغا خەت يازدى

    ئامانگۈل2017-05-04 11:26:37شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ياشلىق باھارىڭلارنى بېغىشلاپ، تالانتىڭلارنى نامايان قىلىڭلار

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلارغا خەت يېزىپ، ياشلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، ئەخلاقىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ماھارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ، تالانتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە دەۋرگە، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى. خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     ئاپتونوم رايوندىكى ياش دوستلار:

     بۇ قېتىمقى ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياش دوستلاردىن بايراملىق ھال سورايمەن! ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

     ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ياشلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلارغا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تولۇق ئىشىنىپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ياشلارغا زور ئۈمىد باغلىدى. بۇ يىل ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىي يوقلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، مەملىكەتتىكى ياشلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشلار باش شۇجىنىڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى مەنىۋى كۈچ، ھەرىكىتىدىكى ئىلمىي قىبلىنەما قىلىپ، تىرىشىپ ‹‹يۈكسەك ئىرادىنى دىلىغا پۈككەن، ئەخلاق ۋە قابىلىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان›› مۇنەۋۋەر ياشلاردىن، دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مۇستەھكەم ئېتىقادى بىلەن كىشىلىك ھايات يولىنى يورۇتۇپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادىنى پۈكۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشى كېرەك. توغرا قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى كۈندىلىك ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتىنى ياخشى باشلاپ، توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن، ئۆزىدىن باشلاپ، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، ھەق – ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرىدىغان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تىرىشىپ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قان – تەر تۆكۈپ تىرىشىش ئارقىلىق ياراملىق ئادەم بولغىلى بولىدۇ. ‹‹شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلىنىڭ پۇرىقى قاتتىق سوغۇقتىن كېلىدۇ››. ياشلار گۈزەل ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، باشتىن – ئاخىر تولۇپ تاشقان ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تەشنالىق بىلەن بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى ساقلاپ، كىتابتىن، ئەمەلىيەتتىن، خەلقتىن ئۆگىنىپ، بىلىمگە تايىنىپ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چېنىقىشنى بايلىق دەپ بىلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشنى ياشلىق باھارىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ياشلىقتىكى كۈرەش قىلىش ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، ئاپتونوم رايون خەلقىنىڭ ئۈمىدى، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار غايىلىك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسى ئالدىدا بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىلىچنى يېنىدىن سۇغۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ، تالانتىنى نامايان قىلىش كېرەك. ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسى ئارقىلىق ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار ئېغىر تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئارزۇ قىلىش، ئارزۇسىغا يېتىشكە جۈرئەت قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەن ئۈچۈن، دەۋر ئۈچۈن شان – شەرەپ قۇچۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشلار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ياشلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ياشلارنى چۈشىنىپ، ياشلارغا ئىشىنىپ، ياشلارغا مەدەت بېرىپ، تىرىشىپ ياشلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنىڭ ھەۋەسكارلىرى، ياشلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ياشلارنىڭ تالانتلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشى، تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، ياشلارنى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش، كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

    چېن چۈەنگو

    2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.