مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    پۈتكۈل مەملىكەتتىكى 29 ئۆلكىدە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىلدى

    بۇئايشەم2017-05-04 10:31:44تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئەرلەرنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالىغا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى 15 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىلدى

       خەلق گېزىتى خەۋىرى: ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جايلاردا تۇغۇتلۇق مۇكاپات دەم ئېلىشى ياكى تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىشتەك يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، كۆپ قىسىم چوڭ ياشتىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

        2017-يىلى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاننىڭ 2-يىلى بولۇپ، بۇلتۇر يېڭىدىن قوشۇلغان نوپۇس 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە 2-پەرزەنت %45 نى ئىگىلىدى.

        دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» نى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمەت ئەھۋالىغا دائىر ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى 29 ئۆلكە (رايون، شەھەر) دە تۈزىتىلگەن يەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى توغرىسىدىكى نىزام بار ئىكەن. جايلار«ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك، قوغداشقا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە» دىكى 98 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىش ئاساسىدا  تۈزىتىلگەن نۇسخىدىكى نىزامغا تۇغۇت مۇكاپات دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىشنى قوشقان، 138 كۈنلۈك دەم ئېلىش 158 كۈنگە ئۇزارتىلغان، ئەرلەرنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالىغا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى 15 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.