مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرايلى

    پەرغانە غوپۇر2017-04-23 14:22:40شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

    ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرايلى

    نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

        ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 4- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق ياخشى بەرپا قىلىپ، ياخشى قوغداپ، خەلقنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

        باش باھاردىكى 4- ئايدا ھەممە مەۋجۇداتلار قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، يەر- جاھان يېشىللىققا تولۇشقا باشلىغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00دە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ كىچىكساي(شۈيشىگۇۋ) بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش ئورنىغا بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كادىرلار، ئامما، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

        چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى كۆكەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قىسقىچە ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پىئونېرلار بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىشكە باشلىدى. توپا تىندۇرۇپ، چېلەك بىلەن سۇ توشۇپ كۆچەتلەرنى سۇغاردى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن ئالتە تۈپ قارىياغاچ تىكتى. چېن چۈەنگو كۆچەت تىككەچ يېنىدىكى پىيونېرلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ، ئېكولوگىيە قارىشى، ئەمگەك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، كۆپ خىل كۆچەتلەرنى تىكىپ، يېشىللىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ۋەتەننى كۆكەرتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

        مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىپ، توپا يۆلەپ، چېلەك بىلەن سۇ توشۇپ كۆچەتلەرنى سۇغاردى.

        كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا چېن چۈەنگو مەجبۇرەن كۆچىتى تىكىشكە قاتناشقان كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى ئېكولوگىيەلىك شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە ئېڭى يېتىلدۈرۈشنى پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا تۇتۇپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان ئېكولوگىيە ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىچكى جەھەتتە ئىدىيەگە، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئېڭىنى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ھەر بىر پۇقرادىن باشلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىش ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئومۇمىي خەلق پائال قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالدىنقىلار كۆچەت تىكسە كېيىنكىلەر سايىداش» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماي، «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» دېگەن روھ بويىچە يىلمۇ يىل، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىشلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئورمان بىنا قىلىشىمىز كېرەك. كۆچەتلەرنى كۆپ، ياخشى تىكىش، ياخشى پەرۋىش قىلىشنى مېخانىزمدىن باشلاپ تۇتۇپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قولايلىق ھالدا قاتناشتۇرۇشىمىز؛ سېلىنما ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ سۇبيېكتلىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ كۆكەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيەلىك پاراۋانلىقنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنى ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىشكە قاتنىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز، «سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.