مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7–قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

    ئامانگۈل2017-04-01 10:27:18شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7–قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

    چېن چۈەنگو قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى سۈن جىنلۇڭ قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى

      ياۋ تۇڭ، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7 – قۇرۇلتىيى 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننى مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگىلىك رايونغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

     ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     سۈن جىنلۇڭ ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

     قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىنلوڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پېڭ، لۇ شۈپېڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رىتىدىن ئورۇن ئالدى.

     پېڭ جيارۇي قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۈگۈنكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 524، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل ئالتە، ئەمەلىي قاتناشقىنى 515، بۇ بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

     چېن چۈەنگو سۆزىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەكىللەر، پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۈەن پارتكومى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، خالىس ياردىمىنىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۈەندىن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭدا ۋە بىڭتۈەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، شۇنداقلا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىڭتۈەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىيىتى دەيدىغان قاراشنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈچ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ زورىيىشى شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئالاھىدە بۇرچ، رولغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، بىڭتۈەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

     بىرىنچى، يادرونى قەتئىي قوغداش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يادرونى ئىدىيە جەھەتتىن تونۇپ، يادرونى سىياسىي جەھەتتىن قوغداپ، يادروغا تەشكىلىي جەھەتتىن بويسۇنۇپ، يادروغا ھەرىكەت جەھەتتىن ئەگىشىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۈەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى قوغداشتىن ئىبارەت نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئارمىيەلىك›› خاراكتېرىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹ئەسكەرلىك›› ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنى، دائىملىق مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جىددىي تاكتىكىلىق ياردەم بېرىش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدارلىق بىلەن يول باشلاپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، يېڭى خىزمەت كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلىشى؛ بىڭتۈەن پارتكومى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     تۆتىنچى، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، 1 – كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپنى نۇقتىلىق تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى مەركەز قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

     بەشىنچى، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۈەننىڭ كۈچىنى زورايتىش مەسئۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، زىممىگە ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۈەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ئالتىنچى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى قوغداشنى تەڭ زىممىسىگە ئالىدىغان، ئىقتىساد يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئورتاق يۇغۇرۇلغان ئەندىزە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشۇلۇپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى پۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

     سۈن جىنلۇڭ دوكلاتتا ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىڭتۈەن يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كەلگۈسى بەش يىلدىكى بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشى ۋە مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىدا، دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۈەن مەنپەئىتى، شىنجاڭ ئومۇمىيىتى بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىيىتى دەيدىغان قاراشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى بىڭتۈەننىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىك ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە››، ‹‹تۆت چوڭ رول››نى كۈچەپ ياخشى ئادا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق قوشۇن قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانى: ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، رولنى تېخىمۇ كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش. سۈن جىنلۇڭنىڭ دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، بىڭتۈەننىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.