مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    2016-يىلى شىنجاڭدا نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى

    بۇئايشەم2017-03-20 11:40:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       2016-يىلى شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىپ، كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

      16-مارت، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭدىكى باش تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى شىنجاڭدا نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى كىشى بېشىغا 8055 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 714 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %9.7 بولغان.

       پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇلتۇر پۈتكۈل مەملىكەتتە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىچىدە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائاش كىرىمى %40.6 بولۇپ، ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان.

      شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم قۇرۇلمىسى پۈتكۈل مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ماڭغان. يېقىنقى ئۈچ يىللىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ كىشى بېشى مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ئاستا-ئاستا ئېشىپ، 2014-يىلىدىكى %29.3 دىن 2016-يىلىدىكى %30.6 كە كۆپەيگەن؛ تىجارەت كىرىمى %54.1 دىن %47.0 كە چۈشكەن؛ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قىلغان كىرىم %15.8 دىن %21.4 كە كۆپەيگەن؛ كىرىم قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇشتىن كۆپ خىللىققا تەڭشەلگەن. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.