مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    كورلىلىق كىچىك ئەزىمەتلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بويىچە 2-چىلىكنى ئېلىپ قايتتى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-02-17 11:45:45تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
    ئەزىمەتلەر زەپەر قۇچۇپ قايتتى

       «بۇ بالىلار مەكتىپىمىزنىڭ پەخرى، بىز ئەڭ قىزغىن چاۋاكلىرىمىز ۋە چىرايلىق گۈللەر بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى تېكىچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى. 14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك تېكىچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ، رەتلىك تىزىلىپ، بۇ مەكتەپتىن 2017-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر «كەلگۈسىدىكى چولپانلار» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى) ۋە مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 2-چىلىكنى ئېلىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنى كۈتۈۋالدى.

       پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنېرى قۇربانجان ھوشۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم جەمئىي 17 ئوقۇغۇچى مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئۇلارنىڭ چوڭى 12 ياش، كىچىكى سەككىز ياش بولۇپ، جەمئىي ئۆتكۈزۈلگەن 11 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇتۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا ماھارەت مۇسابىقىسىدە نومۇر تارتقۇزۇپ قويۇپ، ئىككىنچى بولۇپ قالغان.

       ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر «كەلگۈسىدىكى چولپانلار» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى) ۋە مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى 7-فېۋرال تۇرپان شەھىرىدە باشلانغان. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق يەتتە جايدىن كەلگەن 28 كوماندىدىكى 397 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. بۇ مۇسابىقىنى ئاقسۇ ۋىلايىتى 2011-يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تۇرپان شەھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزگەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.