مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭدىكى خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەلىرىنىڭ سانى 111 گە يەتتى

    نىجات نىياز2017-02-16 11:47:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        يېقىندا، مۇخبىرنىڭ 2017-يىللىق قاتناش-تىرانسىپورت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىدە شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يول تىرانسىپورتىدىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، لىنىيە سانى ۋە ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسى 111 گە يەتكەن.

       مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو-قازاقىستان، جۇڭگو-قىرغىزىستان خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسىدىن تۆتى ئېچىلىپ، شىنجاڭدىن موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتكە قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسىنىڭ سانى 111 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا يولۇچى توشۇش لىنىيەسى 54نى، خەلقئارا يۈك ترانسىپورت لىنىيەسى 57 نى ئىگىلىگەن.

        شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈزۈلۈپ قالغىلى 7 يىل بولغان جۇڭگو-پاكىستان خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت بىۋاستە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلگەن.

        2016-يىلى شىنجاڭ تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى قازاقىستاندىن ئۆتكەندە مال چۈشۈرۈش، تاموژنىغا دوكلات قىلىش، ئارىدا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى تاماملىماستىن ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى كۈندە رۇسىيە فېدراتسىيەسى پورتىغا يېتىپ بارىدىكەن.

        قاتناش ئەشيا ئوبوروتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسى رولىنىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىنىشى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغىچە تۇتاشقان چېگرا ھالقىغان تور سودىسى، ئەشىيا ئوبوروتى قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

       

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.